
مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار 495 مىڭغا يېتىپ، 2023-يىلىدىكىدىن 79 مىڭ 400 كىشى كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.1 ئاشقان، ئىختىساسلىقلارنىڭ قايتىپ كېلىشى تېزلەشكەن.
شۇ كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەيدە «چۈنخۇي پىلانى»نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە 2025 ـ يىللىق چۈنخۇي چەت ئەلدە ئوقۇغان جۇڭگولۇقلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: 1978-يىلىدىن 2024 ـ يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان تۈرلۈك خادىملار جەمئىي 8 مىليون 880 مىڭغا يەتكەن، 7 مىليون 430 مىڭ كىشى ئوقۇشنى تاماملىغان، 6 مىليون 440 مىڭ كىشى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللاپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، 5 مىليون 630 مىڭ كىشى ۋەتەنگە قايتىپ مۇلازىمەت قىلغان، بۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ۋەتەنگە قايتقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %87 ىنى ئىگىلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ