مەكتەپ رەھبىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتىنىڭ مۇسابىقىسىگە بېلەت تاشلاشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

2025.12.11 15:44 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىي ئوتتۇرا مەكتىپى ئەھۋال چۈشەندۈرۈشى ئېلان قىلىپ، مەكتەپ رەھبىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتىنىڭ مۇسابىقىسىگە بېلەت تاشلاشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى، ۋەقەگە چېتىشلىق مەكتەپ رەھبىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرۇلدى، مەكتەپ شۇنىڭ بىلەن بىللە جەمئىيەتتىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشكە ۋەدە بەردى.

ئەھۋال چۈشەندۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا بەزى تاراتقۇلار بۇ مەكتەپتە «ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپ رەھبىرىنىڭ پەرزەنتىنىڭ مۇسابىقىسىگە بېلەت تاشلاشنى تەلەپ قىلىش»قا ئالاقىدار ئەھۋالنىڭ ساقلانغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەكتەپ مۇدىرىيىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، بۇ مەكتەپ بەنزىسىنىڭ ئەزاسى جوۋ XXنىڭ ئوغلى ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ناخشىچىلار مۇسابىقىسىنىڭ بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان، جوۋ XX ئۇنىڭغا تېخىمۇ يۇقىرى قوللاش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز مەيلىچە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىڭغا بېلەت تاشلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان. «پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەكتەپ مۇدىرىيىتى جوۋ XX نى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغان ھەمدە ئۇنى ۋەقەگە چېتىشلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرۇغان.

مەكتەپ تەرەپ چۈشەندۈرۈشتە مۇنۇلارنى ئېتىراپ قىلدى: بۇ ئىش مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشى جەھەتتە روشەن يېتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلۈك ساقلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، مەكتەپ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە كېيىنكى قەدەمدە بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى داۋاملىق نازارەت قىلىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ