شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2025.12.10 15:05 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىزنىڭ 12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر گۇڭ مىڭ) 12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان، ئېچىۋېتىلگەن ماركسىزملىق نەزەرىيە بولۇپ، باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ يېڭى تېمىسىغا جاۋاب بېرىپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئۆزى بىۋاسىتە ئىزدىنىپ، جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بىز «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نىڭ قايتا تارقىتىلىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى دەۋر ئىلغارلىقى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقى، خەلق رايىنى مايىل قىلىش-قىلالماسلىقنى ئىپادىلەشتىكى ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت يېتەكچىلىكى، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش ئۇسۇلىدىكى ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

ۋاڭ يى مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى دىپلوماتىيەنىڭ ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشىنىڭ تۈپ كاپالەت ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكتە چىڭ تۇرۇش ئېتىقادىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ شانلىق بايراق ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىشنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچ ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. دىپلوماتىيە، تاشقى ئىشلار سېپىدىكىلەر تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىنى شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ