ياپونىيەنىڭ يېقىن دېڭىزىدا 7.5 بال يەر تەۋرىدى، شۇ جاي دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى

2025.12.09 15:02 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 22 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ياپونىيەنىڭ خونشۇ ئىشتاتىنىڭ شەرقىي قىسمى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50 كىلومېتىر بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 41.00 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 142.35 گىرادۇستا ئىكەن.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى خوككايدو تىنچ ئوكيان قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، ئاۋمورى ناھىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقى، ئىۋاتې ناھىيەسىگە دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ