
قازاقىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تورى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قازاقىستان خەلق پارتىيەسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ياپونىيە باش ۋەزىرى گاۋشى زاۋمياۋنىڭ يېقىندا تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى سۆزىگە قارىتا، قازاقىستان خەلق پارتىيەسى ھەرقانداق كىشىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، دەپ قارىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ