
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى پارتىيە رەھبەرلىكىنى يولغا قويۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگىنى نىزامى» يېقىندا ئېلان قىلىندى، بۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. «نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىغا بولغان سىياسىي تەلەپ كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنى تەسىس قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي قوللانما ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك خىزمەت ئورگىنى «نىزام»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسىي ئىقتىدارى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
سىياسىي ئورگان ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى پارتىيەنىڭ ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىۋاسىتە ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەم يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەت قىلىدۇ، جەزمەن بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئورگاننىڭ خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك. «نىزام»دىكى تەلەپ بويىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. سىجىل تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئورگان ئېڭى تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىق ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
سىياسىي ئورگان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەم يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان بولۇپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش - قىلدۇرماسلىق پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش - ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. «نىزام»دا، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ باش ۋەزىپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈزۈم - مېخانىزم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش تەۋەلىك بويىچە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى «بەشنى يەنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتى، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
سىياسىي ئورگان مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. «نىزام»دا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى بولۇشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپە ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ياردەمچىسى بولۇش رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەم پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى پۇختا تولۇق ئادا قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتكە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزلەپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىخ قېقىش روھى ۋە راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر يولى، تەدبىرلەر، تەدبىر - تەكلىپلەرنى قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە پەرقلەندۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرلەرگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ