

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى دۇجياڭيەندە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ماكرون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، ۋۇ گۇاڭيۈ) 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى دۇجياڭيەندە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.
باش قىشتىكى دۇجياڭيەندە تاغلار يەنىلا ياپيېشىل ئىدى. ماكرون ۋە رەپىقىسى يېتىپ كەلگەندە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ماكروننىڭ بۇ «بايلىقى مول مۇنبەت تۇپراق»قا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر سىز مېنى يۇرتىڭىز يۇقىرى پىرېنېس ئۆلكىسىگە بېرىشقا تەكلىپ قىلغانىدىڭىز، بۇ قېتىمقى سەپىرىڭىزنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشىڭىزنى تېخىمۇ بېيىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى يەنگۇڭداۋ يولىنى بويلاپ ماڭغاچ پاراڭلاشتى.
شى جىنپىڭ دۇجياڭيەننىڭ تارىخى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇجياڭيەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈن دۇنيادا تاكى بۈگۈنگىچە يەنىلا ئىشلىتىلىۋاتقان بىردىنبىر قەدىمكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتلەرنىڭ بىرى، ياسىلىش جەريانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يول ئاچىدىغان روھىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ھەر قېتىم دۇجياڭيەنگە كەلگىنىمدە ئەجدادلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋەزىيەتكە بېقىپ تەدبىر قوللىنىش، تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدىلىشىش، سۇنى تىزگىنلەپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتىكى ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىمەن، بۇنىڭدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتىنى قوبۇل قىلىمەن. فىرانسۇز مىللىتىمۇ ئوخشاشلا ئېگىلمەس - سۇنماس روھقا ئىگە. جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: دۇجياڭيەننىڭ تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى ياسالغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بۈگۈنگىچە يەنىلا رولىنى جارى قىلدۇرۇۋېتىپتۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ. فىرانسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تۇتاش، فىرانسىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئارقىلىق تەرەققىيات بىلەن گۈللىنىشنى ئورتاق پىلانلىغىلى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى خۇەيگۇتىڭ راۋىقىدا ئولتۇرۇپ، سۇ بويىدا چاي ئىچكەچ، دۇنيادىكى ئىشلار توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ جۇغلىنىشىغا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسىلىشىگە ئېھتىياجلىق. مەدەنىيەت ئىشەنچىگە ئىگە مىللەت پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، مەزمۇت تۇرالايدۇ، يىراققا بارالايدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەم دۆلەت فورماتسىيەسى ھالىتىدە تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە كەلگەن ئۇلۇغ مەدەنىيلىك بولۇپ، گەۋدىلىك بولغان ئۈزلۈكسىز بولۇش خاراكتېرى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرى، بىردەكلىك خاراكتېرى، سىغدۇرۇشچان خاراكتېرى، تىنچلىق خاراكتېرىگە ئىگە. جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرق، غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى. ئىككى دۆلەتتە ئورتاق بار بولغان مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش روھى دەل ھەرقايسىسىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىدىن كەلگەن. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ «قول ئېلىشىشى»لا بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىككى چوڭ شانلىق مەدەنىيلىكنىڭ بىرىكىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەدىن ئىبارەت تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە ئىككى چوڭ دۆلەت سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.
ماكرون مۇنداق دېدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، ئېنىقسىزلىققا تولدى. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ماكرون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنى چۈشتە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى، داۋاملىق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، دۇنيا كىلىمات ۋە مۇھىت خىرىسىغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەكلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە پەلەستىن ۋەزىيىتى توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ