ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى غەربىي شىمالدىكى «ئۇچۇشتىن 15 مىنۇت ئىلگىرى ئايروپىلانغا چىقىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى ئايروپورت بولۇپ قالدى

2025.12.08 15:12 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئۈرۈمچى − بېيجىڭ داشىڭ بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە «ئۇچۇشتىن 15 مىنۇت ئىلگىرى ئايروپىلانغا چىقىش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى غەربىي شىمال رايونىدىكى «ئۇچۇشتىن 15 مىنۇت ئىلگىرى ئايروپىلانغا چىقىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى ئايروپورت بولۇپ قالدى.

«ئۇچۇشتىن 15 مىنۇت ئىلگىرى ئايروپىلانغا چىقىش» مۇلازىمىتىدە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك 30 - 40 مىنۇت ئىلگىرى ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى توختىتىش زۆرۈر بولۇشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەندىزە بۇزۇپ تاشلاندى، يولۇچىلار پەقەت نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى تاقىلىشتىن ئىلگىرى (يەنى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ پىلاندىكى ئۇچۇش ۋاقتىدىن 15 مىنۇت ئىلگىرى) بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ھەم ئايروپىلانغا چىقىشنى تاماملىسا بولىدۇ.

شۇ كۈنى ئەتىگەندە، CZ6901 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن 20 مىنۇت ئىلگىرى، يولۇچى دۇ جۈەن ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا بېيجىڭغا بېرىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلدى. ئۇ مۇخبىرغا بايىلا سېتىۋالغان شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئايروپىلان ئۇچۇشقا يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت قالغاندا ئايروپىلانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلاتتۇق، ھازىر ئۇچۇشقا 15 مىنۇت قالغاندا ئايروپىلانغا چىقىش ئاخىرلىشىدۇ، دوستلارغا ئېلىۋالىدىغان سوۋغاتلىقنى تاللاشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالايمىز، سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ بىمالال، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.»

نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى - بېيجىڭ داشىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانى كۈنىگە يەتتىگە يەتتى. بۇ قېتىم ئۈرۈمچى - بېيجىڭ داشىڭ لىنىيەسىدە يولغا قويۇلغان «ئۇچۇشتىن 15 مىنۇت ئىلگىرى ئايروپىلانغا چىقىش» مۇلازىمىتى كۆپ قېتىملىق سودا سەپىرى، دەماللىققا ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش، تۇيۇقسىز كاماندىروپكىغا چىقىش ھەم ئەتىگەنلىك، كەچلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئۈلگۈرۈش قاتارلىق يولۇچىلارنىڭ يادرولۇق ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇيغۇنلاشتى. «كۆپ قېتىملىق تېز لىنىيە + ئالاھىدە تېز سۈرئەتتە ئايروپىلانغا چىقىش»تىن ئىبارەت قوش ئەۋزەللىك ئىككى جايدىكى كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىنى تېخىمۇ زور قولايلىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ