
12-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 22 ئەتراپىدا،G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ K3906 كىلومېتىر ئەتراپىدا (شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھەر رايونىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدۇ)، كۆپ ئاپتوموبىل سوڭدىشىپ سوقۇلۇش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، توققۇز ئادەم قازا قىلدى، يەتتە ئادەم يارىلاندى.
مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنى ئىلمىي تەشكىللەپ، ئىككىلەمچى ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى؛ يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى؛ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇشۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.
جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ، قۇتقۇزۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا ياردەملەشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ