2025-يىلى دۇنيادا بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سانى ئېشىشى مۇمكىن

2025.12.05 15:06 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا گايتىس فوندى جەمئىيىتى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان «2025-يىللىق نىشاننى قوغدىغۇچىلار دوكلاتى»دا مودېل تەھلىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۆلچەرلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سانىدا مۇشۇ ئەسىردىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردە بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇشى مۇمكىن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2024-يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئۆلۈپ كەتكەن بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ سانى 4 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن. ۋاشىنگتون داشۆسى ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ۋە باھالاش تەتقىقات ئورنىنىڭ مودېل تەھلىلىدە مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ سان تەخمىنەن 4 مىليون 800 مىڭغا يېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2025-يىلى دۇنيا سەھىيە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش مەبلىغى بۇلتۇرقىدىن %26.9 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى دۆلەتلەر يەنە يۇقىرى سوممىلىق قەرز، سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز بولۇش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، بەزگەك، ئەيدىز كېسىلى ۋە يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش نەتىجىلىرىمۇ يوققا چىقىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇلىشىچە، ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى ساغلاملىق مەبلىغى داۋاملىق ئازايتىلسا، 2045-يىلىغا بارغاندا كۆپىيىپ 16 مىليون بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ