
12-ئاينىڭ 3-كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان خاربىن ⇌ ئالتاي ئارىلىقىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بۇ يىل قىشتا تۇنجى قېتىم ئۇچتى.
بۇ ئالتايدىن خاربىنغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ ھاۋا يولى قىش پەسلىدە خېيلۇڭجياڭ بىلەن شىنجاڭ ئارىلىقىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان بىردىنبىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە ئايلاندى
12 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنىدىن باشلاپ، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر چارشەنبە كۈنى بىر نۆۋەت بېرىش ـ كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىش پىلانلانغان، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ 5895/6 بولۇپ، بېرىش مۇساپىسىدە CZ 5895 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 8:05 تە خاربىن تەيپىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:00تە ئالتاي شۆدۇ ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە CZ 5896 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 14:50 تە ئالتاي شۆدۇ ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 19:50 تە خاربىن تەيپىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدىكەن، پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت بەش سائەتلا ۋاقىت كېتىدىكەن، ئىلگىرىكى ئايروپىلان ئالمىشىپ سەپەرگە چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا بەش سائەتكە يېقىن مۇساپە قىسقىراپ، قار ـ مۇز ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ