پۇتىن ياۋروپانى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر راستتىنلا ئۇرۇش باشلانسا، سۆھبەتلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلىش كېرەك، ئۇنداق بولغاندا ئۇرۇش ناھايىتى تېز ئاخىرلىشىدۇ

2025.12.04 15:38 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ياۋروپا بىلەن ئۇرۇش قىلىش مەقسىتىمىز يوق، بۇ نۇقتىنى مەن نۇرغۇن قېتىم تەكىتلىگەن. لېكىن، ئەگەر ياۋروپا تۇيۇقسىز بىزگە جەڭ ئېلان قىلماقچى بولسا ھەمدە ھەرىكەتكە ئۆتسە، بىز ھازىر تەييارلىنىپ بولدۇق. ئۇرۇش ناھايىتى تېز ئاخىرلىشىدۇ، ۋەزىيەت تېز سۈرئەتتە بىز بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان ئادەم چىقمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ