تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش! ئۈرۈمچى «لىڭلىڭ مىفېن» باش دۇكىنىنىڭ ئاشخانا بۆلىكىدە ئالتە چوڭ مەسىلە بايقالدى

2025.12.04 15:42 مەنبە: خەلق تورى

ئەسلىھە ئۈسكۈنىلەر ۋاقتىدا تازىلانمىغان، مال كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈپ خاتىرىلەش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنمىغان، تەييار مەھسۇلات ۋە يېرىم تەييار مەھسۇلاتقا سولياۋ يېپىلمىغان. .. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى لىڭلىڭ مىفېن (داشىزى باش دۇكىنى)نى تەكشۈرۈپ، بۇ مىفېن دۇكىنىدا كۆپ خىل مەسىلىنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىدى.

قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بۇ دۇكاننىڭ ئاشخانا بۆلىكىدە يېمەكلىك ماتېرىياللىرى تۇڭىنىڭ يەرگە قويۇلغانلىقىنى، ئوچاق بېشى، تۇرۇبا يولى، ئىس يولىدا ماي داغلىرى بارلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بۇ دۇكاننىڭ گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرگەندە، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش تالونىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

ئاخىرىدا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بۇ دۇكاندا ساقلانغان ئالتە چوڭ مەسىلىنى ئېلان قىلدى: بەش ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى جايىدا بولماسلىق (سۇ چىقىرىش ئوقۇرىنىڭ يوچۇقى زىيادە چوڭ بولۇش، چاشقاندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى بولماسلىق)؛ يېمەكلىك بىر تەرەپ قىلىش رايونىدا شەخسىي بۇيۇملارنى ساقلاش؛ ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقتىدا تازىلىماسلىق؛ يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىنى يەر ۋە تامدىن ئايرىپ ساقلىماسلىق؛ مال كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈپ خاتىرىلەش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق؛ تەييار مەھسۇلات، يېرىم تەييار مەھسۇلاتلارغا سولياۋ ياپماسلىق، چاڭ-توزاندىن، چىۋىندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانماسلىق.

بۇ دۇكاننىڭ خىزمەتچىلىرى نەق مەيداندا لاياقەتسىز جايلارنى تۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ