
يېقىندا، بەزى تورداشلار ئاشكارا سۇپىدا «قورغاس تاموژنىسىنىڭ سىرتقا ھۆددىگە بەرگەن شىركىتى قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ھەققى ئالىدۇ»، «قورغاس تاموژنىسىنىڭ سىرتقا ھۆددىگە بەرگەن شىركىتىنىڭ تاشيول پورتىدىكى چېگرادىن چىقىش چازا ئېغىزىدا كالتەكنى كۆتۈرگەندە 20 يۈەن ھەق ئالىدۇ» دېگەندەك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ۋە تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

قورغاس تاموژنىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىدى. كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكىنى، ئىغۋا تارقاتماسلىقىنى، چېگرا ئېغىزىغا ئالاقىدار ھەرىكەتچان ئۇچۇرلار توغرىسىدا ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسىنىڭ ئېلانىنى ئاساس قىلىشىنى سورايمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ