

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگودىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سەي ياڭ فوتوسى
بۇ زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ 4-قېتىم جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە فىرانسىيەدە تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىغا قارىتا قايتا زىيارەت ھېسابلىنىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ