خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ئاممىنىڭ «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش»ىگە كەڭ قورساق بولۇش كېرەك

2025.12.03 14:36 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ دەندۇڭدىكى بىر ئامما بىر يېزا ئۆستىڭىنىڭ لاي-لاتقا توسۇش تېمىغا قۇيۇلغان سېمونت لاينى كولىسىلا ئېزىلىپ، تاش پارچىلىرىنى بىر يىمىرسىلا ئاجراپ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى، سۈپەت مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئىشقا باھا بېرىپ، «بەزى كىشىلەر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدۇ، يۈزەكى مەسىلىلەرگىلا قاراشقا بولمايدۇ» دېدى. يەڭگىلتەكلىك بىلەن كۆرسىتىلگەن بۇ باھانە قىسمەن ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىدىكى دەۋا-تەلەپلەرگە ئېتىبارسىز قارايدىغانلىقى ۋە نازارەتچىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئىستىل مەسىلىسى قۇرۇلۇش سۈپىتىدىنمۇ بەكرەك ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەسلىدىنلا «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش»نىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. ئاممىنىڭ «نېمە ئۈچۈن قۇسۇر تېپىشى»دىن گۇمانلانغاندىن كۆرە، خىزمەتتە «نېمە ئۈچۈن يوچۇق قالدۇرۇش» ئۈستىدە قايتا ئويلانغان ياخشى؛ «يۈزەكى مەسىلە»گە دۆڭگەپ قويغاندىن كۆرە، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى «چوڭقۇر قاتلاملىق كېسەللىك ئوچىقى»نى چوڭقۇر قېزىپ چىققان ياخشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ