ھۆكۈمەت تەرەپ «چېڭدۇدىكى زىخلىق يېمەكلىكلەر يايمىچىسىنىڭ قازان شورپىسىنى تەكرار ئىشلەتكەن»لىكى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى: ئەھۋال راست، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ

2025.12.03 14:36 مەنبە: خەلق تورى

«جىنجياڭ بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى»نىڭ ئۈندىدار سالون خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چېڭدۇ شەھىرى جىنجياڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى ئېلان قىلغان ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: 12-ئاينىڭ 2-كۈنى يول بويىدىكى زىخلىق يېمەكلىكلەر يايمىچىسىنىڭ قازان شورپىسىنى تەكرار ئىشلىتىش مەسىلىسىگە قارىتا، چېڭدۇ شەھىرى جىنجياڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇردى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سىندا ئىنكاس قىلىنغان زىخلىق يېمەكلىكلەر يايمىچىسى «ماۋ ئاكا زىخلىق يېمەكلىكلىرى» بولۇپ، چېڭدۇ شەھىرى جىنجياڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بۇ يايما تىجارەتچىسى چېن XX نى تەكشۈرگەن، سىن مەزمۇنى ۋە چېن XX نىڭ ئېيتىشىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ قازان شورپىسىنى تەكرار ئىشلىتىش ئەھۋالى راست دەپ بېكىتىلدى. چېڭدۇ شەھىرى جىنجياڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 34-ماددىسى ۋە «سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نىزامى»نىڭ 103-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا قاتتىق جازا بېرىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، چېڭدۇ شەھىرى جىنجياڭ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا «قىلچە يول قويماسلىق» ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، بىرى بايقالسا، بىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ نازارەت قىلىشىنى ھەمدە ئالاقىدار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى سەمىمىي سورايمىز، پاش قىلىش، ئەرز قىلىش تېلېفونى: 12315.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ