«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ جۇڭگو - كېنىيە ئوقۇرمەنلەر يىغىنى نايروبىدا ئۆتكۈزۈلدى

2025.12.03 14:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نايروبى، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار يەن يۈجىڭ، يوۋ خۇييۈەن) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ جۇڭگو - كېنىيە ئوقۇرمەنلەر يىغىنى كېنىيە پايتەختى نايروبىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو - كېنىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى زاتلاردىن تەخمىنەن 200 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى بىلەن 1 - تومىدىن 4 - تومىغىچە ئۆزئارا تۇتاش، تومۇرداش بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئىلمىي سىستېمىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو - كېنىيە، جۇڭگو - ئافرىقىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

كېنىيە بىرلەشمە دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ باش شۇجىسى ئومار مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» نۇتۇقتىن ئۈزۈندىلەر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىلىم رامكىسى، پەلسەپە ئىدىيەسى بولۇپ، كىتابتىكى ئىقتىساد، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، پەن - تېخنىكا ۋە خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار مۇھىم بايانلار كېنىيەنى خىرىسقا دۇچ كەلگەندە ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. كېنىيە جۇڭگو بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مو گاۋيى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ئۇنىڭدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئىلمىي سىستېمىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەرەققىيات يولى ھەم ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئورتاق ئاتلىنىشىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو - كېنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، كەلگەن يولىمىزنى ئەسلىسەك، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلارغا، ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلارغا ئايلاندى. جۇڭگو كېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايدۇ.

كېنىيە ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋىليام كابوگو كىتائۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا دۇنياۋى مەدەنىيلىك مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى كېنىيەنىڭ ئىسلاھات نىشانى بىلەن بىردەك. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسدا» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسەرنىڭ مەزمۇنى تەپسىلىي، ئېنىق ۋە مول بولۇپ، كىتابتا ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيات ئىدىيەسى كېنىيەنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. ئەڭ يېڭى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى كېنىيەدىكى ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى ھېس قىلىشىغا، جۇڭگو بىلەن كېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق.

پائالىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلارغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى ھەدىيە قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار جۇڭگو - كېنىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقى، نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ