رەسمىي قاتناش باشلاندى! ئۈرۈمچى ⇋ ۋۇجياچۈ ئارىلىقىدا 30 مىنۇتتا بىۋاسىتە بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى!

2025.12.02 15:26 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشى بولغان ۋۇجياچۈ غەربىي ئۆتۈشمە يولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئىككى جاينى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش S 102 ئۈرۈمچى ⇋ ۋۇجياچۈ بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (غەربىي لىنىيە)نى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋۇجياچۈدىن ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغىچە بولغان قاتناش ۋاقتىنى 30 مىنۇتقا قىسقارتىپ، ئىككى شەھەر ئارىلىقىدا بېرىش-كېلىش، ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ