
جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۈندىدار سالونىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى كەچتە، ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان تاجىكىستاننىڭ گورنو ـ بەدەخشان ئوبلاستى دارۋوز رايونىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە خادىملىرىغا تاجىكىستان ـ ئافغانىستان چېگرا رايونىدىن جىددىي چېكىنىشنى، تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باشقا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يۇقىرىقى رايونلارغا ھەرگىز بارماسلىقىنى ھەمدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن. ئەگەر جىددىي ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ھەمدە ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم تەلەپ قىلىڭ.
تاجىكىستان دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونى: ئوت ئاپىتىدىن سىگنال بېرىش تېلېفون نومۇرى 01، ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى 02، جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفون نومۇرى 03
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قىزىق لىنىيەسى (24 سائەت): +86-10-12308,+86-10-65612308
جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ياردەم بېرىش تېلېفونى: +992-935710666,+992-888883999
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ