
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 23 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتا <بەشنى يەنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش>نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆزلۈك ئىنقىلابى پارتىيەمىزنىڭ تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىش تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىككىنچى جاۋابى. ئىشنى ئىستىلنى تۇتۇشتىن باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنىڭ بىر مۇھىم تەجرىبىسى. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى چۆرىدەپ، پىكىر يولى، تەلەپ ئېنىق بولدى، ئاچقۇچلۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىغا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىر، پارتىيەمىز زىممىگە ئالغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى جەزمەن تېخىمۇ چىڭىتىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز ئۆزلۈك ئىنقىلابى قىلىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىنى مەدھىيەلەپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلىدى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى پارتىيەنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق قوزغايدۇ؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەت توپلاش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىمى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەپ، خەلقچىللىق ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى ساپلاشتۇرۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا كۈرەش ھاياتىنى تاۋلاپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش داۋامىدا ئەخلاق مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەربىيەسى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك. ئىجابىي، سەلبىي تىپلارغا سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، خام خىيالغا بېرىلمەسلىك ئارقىلىق قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ مەنزىل ئەندىزىسى ۋە سادىقلىق دەرىجىسى، پاكلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈشنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «تۆت خاھىش»نىڭ كۆپىنچىسى ئىمتىياز ئىدىيەسىدىن كەلگەن، چىرىكلىكنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىدا مۇھىمى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى. سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھەقىقىي تۈردە ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سېلىپ، «كالا قوتىنىغا مۈشۈك سولاش»، «قەغەز قەپەسكە يولۋاس سولاش»تىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى بوشلۇقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار شۇنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، بىزنىڭ بارلىق ھوقۇقىمىزنى خەلق بەرگەن، جەزمەن توغرا يۈرگۈزۈشىمىز، خەلققە مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك، پارتىيە ئىچىدە ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەنپەئەت گۇرۇھى، ھوقۇق تەشكىلاتى، ئىمتىياز قاتلىمىنىڭ پەيدا بولۇشىغا تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ. پارتىيەگە كىرگەن، كادىر بولغان كۈندىن باشلاپ، خەلقنى ھۆرمەتلەش، تەشكىلنى ھۆرمەتلەش، قانۇن - ئىنتىزامنى ھۆرمەتلەش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىش پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىدىكى ئۆتكۈر قورال. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى جەزمەن قەتئىي بىر تەرەپ قىلىشتا، چاقماقتەك ۋاسىتە كەم بولسا ھەرگىز بولمايدۇ. قاتتىق نازارەت قىلىشتا، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا، ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ قاتتىق تەلىپىنى قاتتىق تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، پولاتتەك قائىدىنىڭ ئۆتكۈر چىشلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرى باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئاخىرىغىچە قاتتىق بولۇش، قىلچە يول قويماسلىق سىگنالىنى تارقىتىپ، ئۈنۈملۈك چۆچۈتۈش تەسىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئۆز ۋەزىپىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتماسلىق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىدە ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» قاتارلىقلار بار، بۇلار بىر مۇكەممەل مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى تەشكىل قىلىدۇ، ھەربىر مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم، ھەممىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى يارىتىشى، توغرا كەيپىيات تىكلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ