
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا «20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنى كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5 - نۆۋەتلىك، 6 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى تولۇق قاپلاشنى تاماملىدى. كۆزىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، بىراق بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان، جەزمەن سىياسىي جەھەتتىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسكىن، ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك. ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆز رايونىغا بېكىتىپ بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىرلارنى سىناش - باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»نى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھوقۇقنىڭ تەقسىملىنىشى، يۈرگۈزۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى قەتئىي يوقىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. دائىم غېمىدە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىشتە بايقالغان ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ