شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 23 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقىنى سىجىل بەرپا قىلىش كېرەك

2025.12.01 15:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 23 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، دەل جايىدىلىقى، سىستېمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقىنى سىجىل بەرپا قىلىش كېرەك.

جۇڭگو سىياسىي - قانۇن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى يولداش شى جيەنجۇڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، توردىكى ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، توردىكى قالايمىقانچىلىققا ئۈنۈملۈك زەربە بەردۇق ۋە ئۇنى توسۇدۇق، تور ئېكولوگىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىدى - ياخشىلاندى. مۇشۇ يىللاردىكى ئەمەلىيەتتىن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى تۇتۇشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغداشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار تورنى باشقۇرۇش، تورنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، توردىن پايدىلىنىپ خەلق رايىنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. تور سۇپىسى، ئۆز تاراتقۇ ۋە كۆپ قاناللىق تور ئاپپاراتلىرىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەنبە سۈزۈك بولسا ئېقىن سۈزۈك بولىدۇ، ئىجابىي سادا، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، دەۋر يېڭى كەيپىياتى ئارقىلىق تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقە تورىنى ئىدىيەگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئەخلاق يېتىلدۈرىدىغان، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى توردا تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنغا، ھارارەتكە، تەسىر كۈچكە ئىگە تېخىمۇ كۆپ تور ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى تورنى ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇن بىلەن تەمىنلەشتىكى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، مائارىپ، مەمۇرىيەت، قانۇنچىللىق قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش كېرەك. تور ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىنى قاتلاملىق، دەل جايىدا يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، سالماق، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان تور جەمئىيىتى روھىي ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەمۇرىي جەھەتتىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ساھە تەلەپچانلىقى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تور ساھەسىگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: توردىكى قالايمىقانچىلىق جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇلغاپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلدى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، قەتئىي زەربە بېرىپ، مەنپەئەت زەنجىرى ۋە كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇ پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى تۈگىتىش كېرەك. توردىكى قالايمىقانچىلىققا زەربە بېرىشكە بىرلەشتۈرۈپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەمەلىي قوللىنىش ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكە خىرىس ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا يېڭى قوللاش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدە يېڭى تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىش ھالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قاتلام، تۈر بويىچە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە سانلىق مەلۇماتلار بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ئورتاق تېما. خەلقئارا قائىدە تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقئارا تارقىتىش تور سۇپىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى جانلىق نامايان قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ