
شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە 1800 قېتىمدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، 7000 قېتىمغا يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلگەن، بۇ ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىكى قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن بولغان. چىكاگو ئوخېر خەلقئارا ئايروپورتى نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان ئايروپورت ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى (FAA) مۇنداق دېدى: ھاۋارايى سەۋەبىدىن، چىكاگو ئوخېر ئايروپورتىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش سائەت كېچىككەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، ئىندىيانا ئىشتاتىنىڭ پۇتنانۋىل شەھىرىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 45 ئاپتوموبىل ئارقا-ئارقىدىن سوقۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مەجبۇرىي تاقالغان. شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ ۋەقەدە ئېغىر يارىلىنىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ