
فىرانسىيە ئايروبوس شىركىتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خېلى كۆپ ساندىكى A 320 يۈرۈشلۈك يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشنى كونترول قىلىش يۇمشاق دېتالى كۈچلۈك قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئۇچۇشتىن جىددىي توختاشقا توغرا كېلىدىكەن. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تەخمىنەن 6000 يولۇچىلار ئايروپىلانى تەسىرگە ئۇچرىغان.
ئايروبۇس شىركىتى بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: يېقىندا A 320 يۈرۈشلۈك يولۇچىلار ئايروپىلانىغا چېتىشلىق بىر ۋەقە توغرىسىدىكى تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈچلۈك قۇياش رادىياتسىيەسى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش سىستېمىسى يۈرۈشۈشتە تايىنىدىغان ئاچقۇچلۇق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ باھالاشقا ئاساسەن، ئايروبۇس شىركىتى بىلەن ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى بىرلىشىپ ئاۋىياتسىيە تىجارەت سودىگەرلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىپ، دەرھال ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە سانلىق مەلۇمات ئانالىز شىركىتى رۈيسىيۈنىڭ 10-ئاينىڭ بېشىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1988-يىلى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئايروبۇس A 320 يۈرۈشلۈك يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن جەمئىي 12 مىڭ 260 ى تاپشۇرۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ بوئېن 737 يۈرۈشلۈك يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇزاق مەزگىل ساقلاپ كەلگەن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ