
تەبرىك خەت
جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى 3 - نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلىش پەيتىدە، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن! كەڭ پىدائىيلارغا، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرىغا، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىگە سالام يوللايمەن!
پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، پىدائىيلارنىڭ باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشىدىكى مۇھىم يول. يېڭى مۇساپىدە، كەڭ پىدائىيلار، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ پىدائىيلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى يەتكۈزۈپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۈچى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە مەدەت بېرىدىغان، قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ
2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى 3 - نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، كەڭ پىدائىيلارغا، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرىغا، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىگە سالام يوللىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، پىدائىيلارنىڭ باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشىدىكى مۇھىم يول. يېڭى مۇساپىدە، كەڭ پىدائىيلار، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ پىدائىيلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى يەتكۈزۈپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۈچى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەشكلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە مەدەت بېرىدىغان، قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.
جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى 3 - نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى 2013 - يىلى 12 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار ھەم ئالاقىدار ئورۇنلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئىختىيارىي ئۇيۇشقان مەملىكەت خاراكتېرلىك، بىرلەشمە خاراكتېرلىك، پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ