
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 2021 - يىلى نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى يېڭىلاپ قايتا نەشر قىلدى، «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2025 - يىل نەشرى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)» دېيىلدى) ناملىق كىتابنى تەشكىللەپ تۈزدى، خەلق نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى بىرلىكتە نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.
«پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)» جەمئىي 14 باب، 50 تارماق، 132 ماددا، 103 مىڭ خەت. پۈتۈن كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ۋە ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى، نەزەرىيە پەزىلىتى ۋە شانلىق ئەمەلىيىتى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق ياردەمچى ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنداق تەلەپ قىلدى: «پىروگرامما (2025 - يىل نەشرى)»نى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، چىن ئېتىقاد بىلەن ئىشىنىش، چوڭقۇر پىكىر قىلىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ