
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي بايان» دېيىلدى)نى تەشكىللەپ تۈزۈپ چىقتى، ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
«ئومۇمىي بايان» شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈلۈپ بىرتۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىك بولۇپ، ئارمىيە مەكتەپلىرىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكىدىكى نوپۇزلۇق كىتاب، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار يېتەكچى نەزەرىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم نەتىجە. «ئومۇمىي بايان»نىڭ تۈزۈپ نەشر قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھالدا روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، ياش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئومۇمىي بايان» مۇقەددىمە، 15 باب ئاساسىي مەزمۇن ۋە خاتىمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار يېتەكچى نەزەرىيەسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى، بولۇپمۇ ماركسىزملىق ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «ئومۇمىي بايان» ئەسلىي ئەسەر، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي مەزمۇنغا سادىق بولۇپ، ئوقۇتۇش يۆنىلىشى ۋە ئەمەلىيەت يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، داۋلى، ئىلمىي نەزەرىيە، پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيا بويىچە 1 - قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى ئېنىق سۆزلەنگەن، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ