شى جىنپىڭ «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.11.28 14:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك، رايون ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىپ، غەززەدە ئومۇميۈزلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇرۇش ئوتىنىڭ قايتا يېنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. «پەلەستىنلىكلەر پەلەستىننى ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، غەززەنى ئۇرۇشتىن كېيىن ئىدارە قىلىش ۋە قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىش كېرەك. غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى تېزدىن ياخشىلاپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»دىن ئىبارەت چوڭ يۆنىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى بالدۇرراق سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەلەستىن مەسىلىسى يەنە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىگە نىسبەتەن سىناق ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتكە پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ مەنبەسىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، تارىختىكى ئادالەتسىزلىكنى تۈزىتىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ