
پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئوت ئاپىتىنى تۈگىتىپ، ئوت ئاپىتىدە ئادەم يارىلىنىش - ئۆلۈش ۋە ئاپەت زىيىنىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شياڭگاڭ شىنجيې دابۇ ۋۇسۈن خۇڭفۇيۈەندىكى نۇرغۇن ئائىلىلىكلەر بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم يارىلىنىش - ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە ئادەم يارىلىنىش - ئۆلۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئىگىلىدى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىغا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلار ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋغا يەتكۈزۈپ قويۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى، مەركىزىي كومىتېت شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ئىشخانىسى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئوت ئاپىتىنى تۈگىتىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئادەم ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاشنى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىكنىڭ زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئوت ئاپىتىدە يارىلىنىش - ئۆلۈش ۋە ئاپەت زىيىنىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى قوزغاتتى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى. نۆۋەتتە، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ