
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رىيابكوۋ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، لېكىن رۇسىيە تەرەپ ئۆز مەيدانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ ياكى ھېچقانداق يول قويمايدۇ.
رىيابكوۋ شۇ كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە-ئۇكرائىنا «تىنچلىق پىلانى»نىڭ ھەر خىل نۇسخىسىنىڭ ھەممىسى سۆھبەت دائىرىسىگە كىرىدۇ، لېكىن رۇسىيە تەرەپ مەزمۇن تەپسىلاتىنى ئاشكارا مۇزاكىرە قىلمايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: رۇسىيە ئارمىيەسى يەنىلا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، رۇسىيە تەرەپ ھازىرقى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە «ھېچقانداق يول قويمايدۇ ياكى مەيدانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ».
رىيابكوۋ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، رۇسىيە تەرەپ ئىككى تەرەپ قىزىقىدىغان بارلىق ساھەلەردە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىشنى خالايدۇ، لېكىن سۆزلىشىش «چوقۇم باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا بولۇشى كېرەك».
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ