شى جىنپىڭ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2025.11.27 16:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى بالدۇر باشلانغان، ئاساسى ياخشى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، دۇنياۋى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى ئورتاق قوغداپ، ئادىل، ھەققانىي، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان دۇنياۋى ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشۇشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ