ئۇخلىيالمىسا بىر تال مېلاتونىن يېسىلا ھەل بولامدۇ؟

2025.11.27 16:50 مەنبە: خەلق تورى

بازاردا سېتىلىۋاتقان مېلاتونىن مەھسۇلاتلىرى تاشقى مەنبەلىك ھورمۇن تولۇقلاش دورىسىغا تەۋە بولۇپ، «ئۇيقۇ دورىسى» ئەمەس، بەلكى «رىتىم تەڭشىگۈچ» ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ رىتىم قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىققا، مەسىلەن، ۋاقىت پەرقى قالايمىقانلىشىش، ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەش ياكى ئۇخلاش ۋاقتى كېچىكىش سىندىرومى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، مېلاتونىن بارلىق تىپتىكى ئۇيقۇسىزلىقنى ھەل قىلالمايدۇ. تەشۋىشلىنىش، بېسىم، خامۇشلۇق قاتارلىق كەيپىيات مەسىلىلىرى ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىش، دورىنىڭ ئەكس تەسىرى، باشقا ئۇيقۇ توسالغۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇخلاش قىيىنلىشىش سەۋەبىدىن، مېلاتونىننى تولۇقلاشنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولىدۇ، ھەتتا ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئۇزاق مۇددەت ياكى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا يەنە ئۆزىدىكى مېلاتونىننىڭ نورمال ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ