
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، پۈتۈن ئارمىيە كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى زاپاس ئوفىتسېرلار كىنىشكىسى»نى تۈزۈپ تارقىتىپ ئىشلىتىشنى باشلايدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى چىڭىتىپ، بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ بېجىرىشنى تەلەپ قىلدى.
«جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى زاپاس ئوفىتسېرلار كىنىشكىسى» ئۆزەكلىك كىنىشكا نۇسخىسى بولۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ساختىلىقتىن ساقلىنىشچانلىق ۋە پەرقلەندۈرۈشچانلىققا ئىگە، زاپاس خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچكە ئىگە كىنىشكا، كىنىشكا نومۇرى سىستېما ھاسىل قىلغان بىردىنبىر سالاھىيەت نومۇرى بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدە قانۇن بويىچە زاپاس ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغان زاپاس ئوفىتسېرلار، زاپاس جۈنشىلەر ۋە زاپاس ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى زاپاس ئوفىتسېرلار كىنىشكىسى» شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىكار قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ