گوۋۇيۈەن دۆلەت خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

2025.11.27 16:48 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن دۆلەت خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

شېن ياڭنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى؛ چىن خېنى دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى؛ چيۇ باۋلىنى دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى؛ سۇڭ گۇڭدېنى دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى؛ ليۇ چاڭشېڭنى چۇڭچىڭ داشۆسىنىڭ مۇدىرلىقىغا (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك) تەيىنلىدى.

لى جاۋزۇڭنى دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ شى يىڭلىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ