شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2025.11.26 15:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا بىز كورېيەنىڭ پۇساندا مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى توغرىلاپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق، شۇنداقلا دۇنياغا ئاكتىپ سىگنال يەتكۈزدۇق. پۇسان سۆھبىتىدىن بۇيان، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ياخشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، پاكىت شۇنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق» بولۇش ئەمەلىيەت ئارقىلىق قايتا - قايتا دەلىللەنگەن ساۋات، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇشى، ئورتاق گۈللىنىشى» كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئەمەلىي مەنزىرە. ئىككى تەرەپ بۇ ۋەزىيەتنى ساقلاپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر بولۇش، ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىپ، تېخىمۇ كۆپ پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يېڭى ھەمكارلىق بوشلۇقى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى ئىزاھلاپ، مۇنداق تەكىتلىدى: تەيۋەننىڭ جۇڭگو قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىلگىرى مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ فاشىزم ۋە مىلىتارىزمغا زەربە بەرگەن، ھازىر 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى تېخىمۇ ئورتاق ياخشى قوغدىشى كېرەك.

تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ رەھبەر. مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پۇساندا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولدى، سىزنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان قارىشىڭىزنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئىككى تەرەپ پۇسان سۆھبىتىدە ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ئەينى يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن مۇھىملىقىنى چۈشىنىدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا توختالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تىنچلىققا كۈچ چىقىرىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىختىلاپلارنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك، چەكلەش كۈچىگە ئىگە تىنچلىق كېلىشىمىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ، بۇ كىرىزىسنى مەنبەدىن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ