سېتىلىش باھاسى مىليون يۈەنلىك «راكقا قارشى ئوكۇل»نىڭ پايدىسى بارمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

2025.11.26 15:39 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، باھاسى مىليون يۈەنلىك «راكقا قارشى ئوكۇل» ئارقا-ئارقىدىن قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، بەزى تورداشلار «راكقا قارشى ئوكۇل»نى ئۇرغاندىن كېيىن، راك ھۈجەيرىلىرى پۈتۈنلەي تازىلاندى، دېيىشتى. ئاتالمىش «راكقا قارشى ئوكۇل» راستتىنلا راك ھۈجەيرىلىرىنى تازىلىيالامدۇ؟

ئەمەلىيەتتە تورداشلار تەرىپىدىن «راكقا قارشى ئوكۇل»دەپ ئاتالغىنى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان راك كېسىلىنى ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولغان گىرەلەشمە ئانتىگېن قوبۇل قىلغۇچى T ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلى، يەنى «CAR-T داۋالاش ئۇسۇلى»نىڭ ئادەتتىكى ئاتىلىشى. ئۇ ئادەتتىكى ئوكۇل دورىسى بولماستىن، بەلكى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى T ھۈجەيرىسىنى CAR-T ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنى بىر خىل «تىرىك ھۈجەيرە دورىسى» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادا تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنغان «CAR − T داۋالاش ئۇسۇلى»دىن 15 خىلى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغىنى يەتتە خىل، جۇڭگودا بازارغا سېلىنغىنى سەككىز خىل ئىكەن. بەزى قايتا قوزغالغان، داۋالاش قىيىن بولغان قان ئۆسمىلىرىگە قارىتا، قىسمەن بىمارلار ھەقىقەتەن ئۇزاق مۇددەت ياشاش، ھەتتا كىلىنىكىدا « داۋالاپ ساقىيىش» ئۈنۈمىگە يەتكەن. لېكىن بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ھەممىگە قادىر ئەمەس. ھازىرغىچە، «CAR − T داۋالاش ئۇسۇلى» مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئەمەلىي گەۋدە ئۆسمىسىنى داۋالاش ساھەسىدە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يەنىلا پەن تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ