
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېڭ جيا) 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا مەركەزنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش كوللېكتىپى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا ئۈچ مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى ھەم شىمالىي قىسىمدىكى مەركىزىي شەھەر رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ جيەنگو «15-بەش يىل» مەزگىلىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك، تىرەكلىك رولغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى ساھەلەر بويىچە تونۇشتۇردى. ئۇ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قوللىنىش مەيدانى قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىشى ھەم خەلقئارا ئالىي ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ئېگىزلىك ۋە دۇنياۋى پەن-تېخنىكا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سۇپىسى تۈگۈنى بەرپا قىلىشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېيدۇڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، دۆلەتنىڭ «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىلىرى، يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى چۆرىدەپ چۈشەندۈرۈش بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش شياڭگاڭغا كۈچلۈك تەرەققىيات قۇۋۋىتى ئاتا قىلىدۇ، شياڭگاڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە قاتنىشىشى كېرەك.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەزمەن «15-بەش يىل»مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى ۋە نىشان-ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، پۇل مۇئامىلە، ئىجادىي پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش موتور قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
مەركەز شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جوۋ جى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ چوقۇم دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر داۋامىدا پۇرسەت ۋە ئىستىقبالنى تېخىمۇ ياخشى ئېنىق تونۇپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىن تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئىگىلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكىرى رايونلار بىلەن ئالاقلىشىش، چەت ئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوۋ جيەنگو، جۇ ۋېيدۇڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن ماۋبونىڭ ھەمراھلىقىدا، شىمالىي قىسىم مەركىزىي شەھەر رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پىكىر ئالماشتۇردى. گۇدۇڭنىڭ شىمالىدىكى يېڭى تەرەققىيات رايونىدا، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىمالىي قىسىم مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ يىرىك پىلانى ھەم قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. خېتاۋ شېنجېن-شياڭگاڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق رايونى شياڭگاڭ باغچە رايونىدا، ئۇلار باغچە رايونىدىكى ھاياتلىق، ساغلاملىق پەن-تېخنىكىسى، شۇنىڭدەك سۈنئىي ئەقىل ۋە ماشىنا ئادەم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
شۇ كۈندىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كۆپچىلىكنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، يولغا قويۇش ئېلىپ كەلگەن مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەنگە تىرەك بولۇش، دۇنيا بىلەن تۇتىشىشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىمالىي قىسىم مەركىزىي شەھەر رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىىتپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى لېكسىيە يىغىنىنى شياڭگاڭ رادىيو ئىستانسىسى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېكىتى ئارقىلىق پۈتۈن جەريانلىق بىۋاسىتە تارقىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاڭلىشى، كۆرۈشىگە قولايلىق ياراتتى. خوۋ جيەنگو، جۇ ۋېيدۇڭ لېكسىيە يىغىنى نەق مەيدانىدا شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن سوئال-جاۋاب شەكلى ئارقىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ