
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2025-يىللىق شىنجاڭ «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدان كەيپىياتى يەنە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئاتۇش شەھىرى پۇتبول باغچىسىنىڭ كۆرۈش سۇپىسىغا «ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ كەلگەن ئىلى پۇتبول مەستانىلىرى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلدى!
بۇ قېتىمقى ئىلى پۇتبول مەستانىلىرى ئىچىدىكى ئايروپىلان ھۆددىگە ئالغان ئەترەتتە ھەم نوپۇزلۇق توپ مەستانىلىرى ۋەكىللىرى، ھەم ياش، قىزغىن يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەر توپى بار بولۇپ، ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدە مۇسابىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلىپ، قوللايدىغان توپ كوماندىنىڭ ھېكايىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئايروپىلان يەرگە قونغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا مۇسابىقە كەيپىياتىغا سىڭىپ، چۇقان ۋە قىزغىنلىق بىلەن مۇسابىقە مەيدانىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.
ئىلى پۇتبول مەستانىسى توختى زاكىر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «<ئاتۇش لوڭقىسى> شىنجاڭلىقلارنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى، ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ مۇسابىقە كۆرگىلى بېرىش ھەم سەمىمىيەتنى نامايان قىلىدۇ، ھەم قىزغىنلىقنى ئىپادىلەيدۇ، ئېسىل مۇسابىقىلەرنى چوقۇم ئالقىشلايمىز!»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ