
ئىلى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە 2025-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان ئوقۇش يىلىدا ئەتىيازلىق، كۈزلۈك دەم ئېلىش يولغا قويۇلىدىكەن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا بېكىتىدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، كۈزلۈك دەم ئېلىش ئىككى قېتىم بولۇپ، كونكرېت ۋاقتى 2025-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى (بىر خىزمەت كۈنى) بىلەن 11-ئاينىڭ 29-، 30-كۈنى (شەنبە، يەكشەنبە) قوشۇلۇپ، ئۈچ كۈن ئۇدا دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدىكەن؛ 2026-يىل 1-ئاينىڭ 4-، 5-كۈنلىرى (ئىككى خىزمەت كۈنى) يېڭى يىللىق دەم ئېلىشقا (1-ئاينىڭ 1-، 2-، 3-كۈنى) قوشۇلۇپ، بەش كۈن ئۇدا دەم ئېلىنىدىكەن.
ئەتىيازلىق دەم ئېلىشنىڭ كونكرېت ۋاقتى 2026-يىلى چىڭمىڭدىن كېيىنكى ئىككى خىزمەت كۈنى (2026-يىل 4-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنى) بولۇپ، چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش (4-ئاينىڭ 4-، 5-، 6-كۈنى) بىلەن قوشۇلۇپ، بەش كۈن ئۇدا دەم ئېلىنىدىكەن.

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتىيازلىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدا تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، سۈرەتتە: بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. گاۋ جىڭ فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىنجاڭدا ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىدىن كېيىن، ئەتىيازلىق دەم ئېلىش قاتارلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلغان 3-ۋىلايەت-ئوبلاست-شەھەر ئىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر بۇ يىلدىن باشلاپ ئەتىيازلىق دەم ئېلىش، كۈزلۈك دەم ئېلىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىكەن، 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئەتىيازلىق دەم ئېلىش، 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە قارلىق دەم ئېلىش بولىدىكەن؛ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر 2025-يىلى قارلىق دەم ئېلىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىغان بولۇپ، دەم ئېلىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ