
11-ئاينىڭ 21 - كۈنى، 2025 - يىللىق ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرىنى كۆپەيتىپ سايلاش نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ھاجىئەكبەر ئەيسا جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ (تېببىي دورا - سەھىيە ئىلىم - پەن بۆلۈمى) ئاكادېمىكلىقىغا سايلاندى. بۇ شىنجاڭنىڭ تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسىدە، بولۇپمۇ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى يۆنىلىشى بويىچە بارلىققا كەلگەن تۇنجى ئاكادېمىك.
ھاجىئەكبەر ئەيسا شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى بولۇپ، شىنجاڭدا 30 نەچچە يىل يىلتىز تارتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى تەتقىقاتىغا كۈچ چىقىرىپ، دورا ئۈنۈمىگە ئىگە ماددىلارنى بايقاش، سۈپەت ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇش ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق تۆھپە قوشتى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسۈملۈك بايلىقى خىمىيەسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقا باشلامچى بولدى، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى قۇرغاق رايون دورا بايلىقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان 62 خىل دورا ماتېرىيالىنىڭ 6000 خىلدىن ئارتۇق بىرىكمىسىنى سىستېمىلىق كىرگۈزدى، ئۇنىڭ كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يىجىخاۋ كېتو كىسلاتاسى قاتارلىق 25 خىمىيەۋى سېلىشتۇرما بۇيۇم ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت ئۆلچىمى ئەۋرىشكىسىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ھازىرقى زامان تەتقىقاتى ئۈچۈن ئاساس سالدى.
مىللىي تېبابەت دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، ھاجىئەكبەر ئەيسا بىرىنچى كەشپىياتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن 140 دۆلەت ئىچى كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى، 14 خەلقئارا پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى، 26 پاتېنتى نەتىجىگە ئايلاندۇرۇلدى؛ جۇڭگو-ئۆزبېكىستان يېڭى دورا «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، بەش تۈرلۈك يېڭى دورىنىڭ جۇڭگو ۋە ئۆزبېكىستاندا تەستىقلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، بىرىنچى ئاپتور ياكى ئاخبارات يازغۇچىسى سۈپىتىدە 583 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە446 پارچىسى SCIغا كىردى.
ھاجىئەكبەر ئەيسا دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ساھەسىدىكى مۇھىم باشلامچى ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ، 2009 - يىلى دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم - پەن فوندىغا ئېرىشتى، 2023 - يىلى خې لياڭ خې لى فوندى ئىلىم - پەن ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 2024 - يىلى جۇڭگو دورىگەرلىكى تەرەققىيات مۇكاپاتىنىڭ يېڭى دورا ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 2025 - يىلى چىخۇاڭ ئالىملىرى قاتارىغا تاللاندى.
«بۇ شەرەپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە مەنسۇپ، شۇنداقلا مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش. بىز شىنجاڭنىڭ خاس بايلىقىغا داۋاملىق تايىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا رايوننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ھاجىئەكبەر ئەيسا.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئاكادېمىكلار تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 11 نەپەر ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكى (ئىلىم - پەن بۆلۈمى ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بارلىققا كەلگەن بولۇپ، تۇ جى (ۋاپات بولغان)، ليۇ شوۋرېن (ۋاپات بولغان)، ۋۇ مىڭجۇ، كاڭ يۈجۇ، ۋاڭ شياۋدۇڭ، ھوشۇر ئىسلام، چېن شۆگېڭ، دېڭ مىڭجياڭ، شياۋ ۋېنجياۋ، يىن فېيخۇ ۋە يېڭىدىن سايلانغان ھاجىئەكبەر ئەيسانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار يېزا ئىگىلىكى، گېئولوگىيە، تېببىي دورىگەرلىك، ئۇچۇر، قۇرۇلۇش قاتارلىق كۆپ ساھەنى قاپلىغان بولۇپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان يادرولۇق ئەقلىي كۈچنى شەكىللەندۈرگەن.
كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: ھاجىئەكبەر ئەيسانىڭ سايلىنىشى شىنجاڭنىڭ مىللىي تېبابەت-دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئىلىم يۈكسەكلىكى ۋە تەتقىقات ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە قۇرغاق رايونلارنىڭ خاس ئۆسۈملۈك بايلىقىنى ئېچىش ۋە بىيوتېببىي دورا پۈتۈن زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ