مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاۋمېندا لېكسىيە سۆزلىدى (پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش)

2025.11.24 15:21 مەنبە: خەلق تورى

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا مەركەزنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار ۋەكىللىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش كوللېكتىپى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار ئۈچۈن ئۈچ مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە خېڭچىن گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ جيەنگو «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتە زور يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك، تىرەكلىك رول ئوينايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى ساھەگە بۆلۈپ تونۇشتۇردى. ئۇ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى دەپ بىلدۈردى ھەمدە ئاۋمېننىڭ چوڭ قولتۇق رايونىدىكى باشقا شەھەرلەر بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قوللىنىشچان مەنزىرە قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇھىم پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ يەنە ئاۋمېننىڭ جۇڭگو-پورتۇگالىيە سودا ھەمكارلىق مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ رولى ۋە ئەركىن پورت، ئايرىم تاموژنا بېجى رايونى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىش»ىغا كۈچ قوشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېيدۇڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۆرىدەپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسى، يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئېنىق يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ «3-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى بىلەن «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر تۈركۈم ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۆنىلىش يېتەكچىلىكىنى ئاۋمېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاۋمېننىڭ «بىر مەركەز، بىر سۇپا، بىر بازا»لىق رولىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، دۆلەتنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن ئاۋمېننىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

مەركەز شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ شىنسۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋمېندىكى ھەر ساھەنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى پائال، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاۋمېننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغاتۈرتكە بولىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى سىجىل بەرپا قىلىشىنى؛ تەرەققىيات پۇرسىتىنى پائال، باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى؛ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە پائال، باشلامچىلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى سەپىرىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا ئالاقىدار لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى ۋە ئاۋمېن رادىيو-تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىلىپ، ئاممىنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى بىرلىكتە ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىلدى. خوۋ جيەنگو، جۇ ۋېيدۇڭ لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى نەق مەيدانىدا ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن سوئال-جاۋاب ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولدى.

11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى يەنە خېڭچىن گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىغا بېرىپ، ئاۋمېن يېڭى كوچا ئائىلە مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئاۋمېن مەبلىغىدىكى كارخانا قاتارلىقلارغا باردى ھەم ئاھالىلەر، كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ