
سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 44 ـ قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى پائال تولۇق ئادا قىلىپ، تۆھپە قوشىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئاساسلىق نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، 2026-يىللىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى، ساغلام جۇڭگو توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئاممىۋى تەنتەربىيە بىلەن ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ كېڭىشىش، تەكلىپ بېرىشكە تەشكىللەپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بويىچە «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەنتەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تەنتەربىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ساغلاملىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى قاتارلىق تاشقى ئىشلار پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ 2026-يىللىق تاشقى ئالاقىلىشىش پىلانىنى ياخشى پىلانلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئالاقىلىشىش خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چۆرىدەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: تەكلىپ خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەكلىپلەرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2025 ـ يىلى نەزەرىيە تەتقىقاتى خىزمىتى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى، كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى، ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە 2025 ـ يىلى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتى يازما قاراپ چىقىلدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، جۇ يۇڭشىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ياڭ جېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ