

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ زامبىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ زامبىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى چياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ خىچىلېماغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو زامبىيە بىلەن ياخشى قېرىنداش، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. بۇلتۇر، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو تەرەپ زامبىيە تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-زامبىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ زامبىيە تەرەپ بىلەن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى زامبىيەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق كەسىپ ھەمكارلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، داۋالاش-سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو-زامبىيە ھەمكارلىقىغا بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ 2026-يىللىق «جۇڭگو-ئافرىقا ئادىمىيەت ئالاقىسى يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى قاتلام-دەرىجىلىكلەرنىڭ دوستانە بېرىش-كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ زامبىيە تەرەپ بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش، ساقچى ئىشلىرى، قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تانزانىيە-زامبىيە تۆمۈريولىنى قوزغىتىش جۇڭگو، تانزانىيە، زامبىيە ئۈچ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئۈچ تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى بۇ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرنى ئورتاق ياخشى بەرپا قىلىپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېيىنكى ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ھەم رايونلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھازىر، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق قىلمىشى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، خەلقئارا سىستېما ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن زامبىيە كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپى ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىدى، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدىشى كېرەك.
خىچىلېما لى چياڭغا رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. خىچىلېما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زامبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن، ئۇنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زامبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. زامبىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ھەققانىي ئىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. زامبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، سودا، مەبلەغ سېلىش، قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تانزانىيە-زامبىيە تۆمۈريولىنى قوزغىتىشنىڭ داۋاملاشما خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تۆمۈريول لىنىيەسى بويىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زامبىيە-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. زامبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. زامبىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ يەر شارىۋى تەشەببۇسنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، خادىملار ئالاقىسى، يېشىل قېزىلما بايلىق، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ