رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياپونىيەنىڭ رۇسىيەگە داۋاملىق قارشى تۇرغانلىقىغا زەربە بەردى

2025.11.21 16:04 مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيە باش ۋەزىرى گاۋشى زاۋمياۋنىڭ ئاشكارا باياناتىدىن قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ رۇسىيەگە قارىتا دوستانە بولمىغان لۇشيەنى ئۆزگەرمىگەن.

زاخاروۋا رۇسىيەنىڭ 30 ياپونىيە پۇقراسىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەشكە ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ «باراۋەر قارشى جازا تەدبىرى». ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئاللىقاچان ياپونىيە تەرەپنىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى. نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم بۇنىڭدىن ئەجەبلەنمىدى؟ بىز پەقەت باراۋەر تەدبىر قوللاندۇق.» زاخاروۋا مۇنداق دېدى: ياپونىيە دائىرىلىرى ئېغىزدىلا ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتىدىمۇ رۇسىيەگە قارشى لۇشيەنىدىن ۋاز كەچكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇشنى توختاتقاندىن كېيىنلا، رۇسىيە-ياپونىيە سۆھبىتى قايتا باشلىنىشى مۇمكىن.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، 30 نەپەر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى مۇددەتسىز چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ياپونىيەنىڭ رۇسىيەنى داۋاملىق جازالىشىغا قايتۇرغان ئىنكاسى. چېگرادىن كىرىشى چەكلەنگەن ياپونىيە پۇقرالىرى ئىچىدە ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئەمەلدارى بېيسۈن جۈنبومۇ بار، قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ياپونىيە تاراتقۇلىرى ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى زاتلار.

2022-يىلى ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، ياپونىيە ئامېرىكىغا ئەگىشىپ رۇسىيەگە سىجىل كەڭ دائىرىدە جازا يۈرگۈزدى. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە، رۇسىيە تەرەپ ياپونىيەنى «دوستانە بولمىغان دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ يىل 9-ئايدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم بىر قىسىم رۇسىيە شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ