
يېقىندا، تورداش خې XX ئارقا-ئارقىدىن ئالاقە تورى سۇپىسىدا «15 يېزا-بازارنى سۇ بېسىپ كەتتى»، «سۇ يەنە ئۇلغايدى»، «نۇرغۇن شەھەر رايونىنى سۇ بېسىپ كەتتى» دېگەن ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، توردا تارقالغان ئۇچۇرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇچۇر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە، خې XX ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان گەپلەرنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن ئالتە كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلدى.

ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «تىنچ ـ ئامان تۇڭلياڭ»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2025-يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى تۇڭلياڭ رايونلۇق گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى خىزمەت جەريانىدا تەۋەلىكىدىكى تورداش خې XX نىڭ ئالاقە تورى سۇپىسىدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خې XX نىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، ئۇزاق مۇددەت AI ئارقىلىق ئاپەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى سىننى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئۇلاپ، ئالاقە تورى سۇپىسىدا ئېلان قىلىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇھاكىمىسىنى قوزغاپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە، تۇڭلياڭ رايونلۇق گۇڭئەن ئىدارىسى قانۇن بويىچە خې XX كە مەمۇرىي جازا بەرگەن ھەم ئۇنىڭغا قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسى ئېلىپ بارغان، خې XX تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.
«چۇڭچىڭ ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش» سۇپىسى تور ئەھلىنىڭ توردا ئۇچۇر ئېلان قىلىشتا چىن، ئوبيېكتىپ، دەل جايىدا بولۇشىنى ئەسكەرتىدۇ. پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، پاكىز تور بوشلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ