دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە ياپونىيە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلسىمۇ، جۇڭگودا بازارى يوق

2025.11.21 16:06 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 20-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ياپونىيەنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە، ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيەنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىلمىي باھالاش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئالاقىدار سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن، خۇددى مەن تۈنۈگۈن ئېيتقاندەك، ياپونىيە رەھبەرلىرى تەيۋەن قاتارلىق مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىلەردە خاتا سۆز قىلىپ، جۇڭگو خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق غەزىپىنى قوزغىدى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ياپونىيەنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلسىمۇ بازىرى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ