زەھەر تەكشۈرۈش ئەمەلىي جەڭ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى: 28 كىلوگىرامدىن ئارتۇق زەھەر قولغا چۈشۈرۈلدى، 328 زەھەر چەككۈچى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2025.11.21 16:05 مەنبە: خەلق تورى

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى زەھەر چەكلەش ئىدارىسى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «قىزىل ئارمىيە، كۆك ئارمىيە قارشىلىشىش 2025» تېمىسىدىكى زەھەر تەكشۈرۈش ئەمەلىي جەڭ ماھارىتى كۆرسىتىش مۇسابىقىسى يېقىندا يۈننەندە ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى زەھەر تەكشۈرۈش ئەمەلىي جەڭ ماھارىتى كۆرسىتىشتىكى مەقسەت زەھەر چەكلەش بويىچە «مەنبەدىن تازىلاپ، ئېقىمنى ئۈزۈپ تاشلاش 2025» مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، دىققەتنى ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش، ئەشيا ئوبوروتى يوللىرى، بولۇپمۇ يۈننەن چېگراسىدىكى چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىدا زەھەر يوشۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زەھەرنىڭ ئىچكى قىسىمغا سىڭىپ كىرىشى ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى چېگرادىن ئەتكەس قىلىپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش.

ئەمەلىي جەڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى باشلانغان. تيەنجىن، خېبېي، سەنشى قاتارلىق 25 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ گۇڭئەن زەھەر چەكلەش تارماقلىرى بۇ قېتىمقى ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى زەھەر دېلوسىدىن جەمئىي 18 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 29 نى تۇتۇپ، 28.8 كىلوگىرام تۈرلۈك زەھەرنى قولغا چۈشۈردى؛ زەھەر ياساش بۇيۇملىرىغا چېتىشلىق دېلودىن توققۇزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى؛ زەھەر چەككۈچىلەردىن 328 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر تۈركۈم ئەتكەسچىلىك، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش، ئوغرىلىق قىلىش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قانۇنسىز تاماكا توشۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ