
11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، جۇڭگونىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالاقىدار خاتا سۆزلىرىگە جاۋاب بەردى.
سوئال: 11-ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى ئاشكارا ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن كورېيە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رايون ئىچىدىكى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، بۇ نۇقتىنى خۇاڭخەي دېڭىزىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ؛ شۇڭا، كورېيە-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى كورېيە دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇش، يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى كېمىسى قاتارلىق كۈچلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ ئاشكارا ھالدا كورېيە-ئامېرىكا يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى كېمىسى ھەمكارلىقىنىڭ مەقسىتى جۇڭگونى چەكلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەلچىخانا باياناتچىسى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ جاۋاب: مەن ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرىگە دىققەت قىلدىم، بۇنىڭدىن ھەيران قالدىم ۋە نارازى بولدۇم. يېقىندا، جۇڭگو-ئامېرىكا، جۇڭگو-كورېيە، كورېيە-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كورېيەدە ئۇچراشتى، ئامېرىكا تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق تونۇش روھىغا ئېنىقلا ئۇيغۇن كەلمىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا، جۇڭگو-كورېيە، كورېيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى، چاتاق چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ