
11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نى ئىجرا قىلىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر (3)نى سىرتقا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى يەنىمۇ ھەل قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
پىكىر (3)تە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىشنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش جەريانىدا داۋالىنىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئۆيدە خىزمەت قىلىش، ئىشقا بېرىش-كېلىش يولىدا ئۆزىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارلىقى بولمىغان قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش قاتارلىق بەش خىل ئەھۋالدا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ۋە بېكىتىش ئاساسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
بۇنىڭ ئىچىدە مۇنۇلار بار:
ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ زەخىملەنگەن ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالاش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشى ئەسلىدىكى ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى ياكى كەسپىي كېسەل بويىچە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ؛
ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆيدە ئىشلىگەندە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ھەقىقەتەن خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تولۇق دەلىل-ئىسپات بولسا، ئۆيدە خىزمەت قىلغانلىقتىن ئىشتا يارىلاندى دەپ بېكىتىش تەسىرگە ئۇچرىسا بولمايدۇ؛
ئىشقا بېرىش-كېلىش يولىدا ئۆزىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارلىقى بولمىغان قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، «ئۆزىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارلىقى بولماسلىق»نى بېكىتىشتە گۇڭئەن
ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن قانۇن ھۆججىتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە قارارىنى ئاساس قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ